نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ھەر كۈنى سەھەردە ئاپىسى ئۇنى يەسلىگە ئاپىرىشتىن بۇرۇن، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇراتتى: -ئاپا ئۆيدە گەپ ئاڭلايمەن، سېنى خاپا قىلمايمەن، ئۆتۈنەي مېنى يەسلىگە ئاپىرىپ قويما، مېنىڭ سەن بىلەن تۇرغۇم بار. -ئاپىسى خىزمەتكە ئالدىراۋاتقاچقا، خۇددى ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك كارى بولمايتتى. ئۇمۇ ئاپىسىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا كۈندە ئېغىزىنى ئۈمچەيتىپ «يەسلىگە بارمايمەن!» دەپ يىغلىسىمۇ لېكىن يەنىلا يۇۋاشلىق بىلەن ئاپىسىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭاتتى. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاپىسى ياشىنىپ قالغاننىڭ ئۈستىگە دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. ئۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولغاچقا، ئاپىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقتى يوق ئىدى، ئاپىسىنى ئۆيدە يالغۇز قالدۇرسا تېخىمۇ خاتىرجەم بولالمايتتى. ئۇ قايتا-قايتا ئويلانغاندىن كېيىن، بىر جاينى ئېسىگە ئالدى. قارار چىقىرىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە، ئاپىسى ئۇنىڭ ئۆيگە كىرىپ-چىقىپ دېمەكچى بولغان گېپىنى ئېغىزىدىن چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئەس-ھوشى شۇنداق جايىدا ھالدا: -بالام سېنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن، ھالىمدىن خەۋەر ئالمىساڭمۇ مەيلى، مېنى ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىپ قويما، مېنىڭ سەن بىلەن بىللە تۇرغۇم بار،-دەپ يالۋۇردى. ئاپىسىنىڭ يالۋۇرغان ئاۋازى خۇددى شۇنداق يىراق جايدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك، بارغانسېرى ئاجىزلاپ ئاخىرىدا ئۆكسۈشكە ئايلاندى. ئۇ بولسا سۈكۈتكە چۆمگەن ھالدا ئاپىسىنى قايىل قىلىشقا قايتا-قايتا سەۋەب ئىزدەيتتى. ئاخىرىدا ئۇلار يەنىلا شەھەر سىرتىدىكى ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە كەلدى. رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاپىسىغا: -ئاپا مەن ماڭدىم،- دېدى. ئاپىسى بېشىنى بىلىنەر-بىلىنمەس لىڭشىتقىنىچە: -ئوغلۇم مېنى بالدۇرراق ئالغىلى كېلىشنى ئۇنتۇپ قالما،-دېدى. شۇ دەقىقىدە، بىردىنلا ئەينى يىلى ئۆزىنىڭمۇ يەسلى ئالدىدا يىغلاپ تۇرۇپ: -ئاپا، مېنى بالدۇرراق ئالغىلى كېلىشنى ئۇنتۇپ قالما.-دەپ ئۆتۈنگىنى ئېسىگە كەلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەگىپ، يۈرىكىگە خۇددى بىر نەرسە سانجىلغاندەك بولدى...
|