تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇچقۇن

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
كۆرۈش: 10|ئىنكاس: 0

تور چولپىنى ساغرا يوغانتىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

26

يازما

93

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
93
ۋاقتى: 2020-12-23 13:21:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تور چولپىنى ساغرا يوغانتىمەن دەپ ئۆلۈپ كەتتى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى:

ئامېرىكىدا تولغان ساغرا تىلغا ئېلىنسىلا، نۇرغۇن كىشىلەر چوقۇم تۇنجى بولۇپ كىم كارداشيان(Kim Kardashian)نى ئېسىگە ئالىدۇ.

ئۇنىڭ ساغرىسى دائىم پايلاقچىلارنىڭ قوغلىشىدىغان نىشانى بولۇپ قالىدۇ ۋە كۆپچىلىكنىڭ چاي ئىچىشتىن بۇرۇن ۋە تاماقتىن كېيىن پاراڭلىشىدىغان تېمىسىغا ئايلنىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ بەدەن شەكلىنى ياخشى كۆرىدىغان، دورايدىغان، ھەتتا ئۆزىنى كېيىنكى كارداشيانغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

بۈگۈن بىز «مېكسىكىلىق كارداشيان» دەپ نام ئالغان ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ چولپىنى جوسېلىن كانو (Joselyn Cano) توغرىسىدا توختىلىمىز، چۈنكى ئۇ يېقىندا «دەرىجىدىن تاشقىرى ساغرا»نى قوغلىشىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى 30 يېشىدا ئاخىرلاشتۇرغان...


رەسىمدىكى بۇ قىز دەل جوسېلىن كانو، ئۇ گۈزەل چىراي، تولغان ساغرا ۋە ئىپتىخارلىنىشقا ئەرزىگۈدەك بەدەن شەكلىگە ئىگە. 2016-يىلى، ئۇ يەنە ئامېرىكا «تەنتەربىيە رەسىملىك گېزىتى» تەرىپىدىن يىللىق ئەڭ سۆيۈملۈك ئايال بولۇپ باھالانغان.

جوسېلىن كانونىڭ «مېكسىكىلىق كارداشيان» دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب ئۇ مېكسىكىلىق پۇشتىدىن، ئۇ ئەسلى مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئامېرىكىلىق.

ئۇ 1990-يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ LinkedInدىكى ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ سانتىياگو ئىشتاتلىق داشۆسىدە مىكرو بىيولوگىيە ئۆگەنگەن.

جوسېلىن كانو ھەرگىزمۇ كىچىك تور مەستانىسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ساھەسىدە 13 مىليوندىن ئارتۇق مەستانىسى بار.

تور چولپىنى بولغاندىن باشقا، جوسېلىن كانو بىر مودېل ۋە كىيىم لايىھەلىگۈچى. ئىنتېرنېت تورىدا ئاستا-ئاستا نام چىقارغاندىن كېيىن، 2018-يىلى يەنە ئۆزىنىڭ سۇ ئۈزۈش كىيىمى ماركىسىنى بازارغا سالغان.

شۇنچىۋالا كۆپ ئەگەشكۈچىلەرگە ئىگە جوسېلىن كانونىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى كۈندىلىك يېڭىلىنىشىمۇ كەسىپنى قەدىرلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ:

ئاساسەن بىر نەچچە كۈندە بىر بەدەن شەكلىمنى نامايەن قىلىپ، تۇرمۇشىنى ھەمبەھىرلەپ، مەستانلىرىدىن ئەھۋال سوراپ تۇرىدۇ.

لېكىن يېقىندا مەستانىلەرنىڭ بايقىشىچە، جوسېلىن كانونىڭ سايىسى كۆرۈنمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولغان...

مەستانىلەر پەرەز قىلىۋاتقاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى، جوسېلىن كانو بىلەن ئوخشاش توردا نام چىقارغان لىرا مېرسېر (Lira Mercer) ئىسىملىك بىرەيلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاشكارىلىغان.

ئەسلىدە، نام-ئابرۇيى تېز ئۆرلەۋاتقان جوسېلىن كانونىڭ بەدەن شەكلىگە بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئۇ تېخىمۇ مۇكەممەل بەدەن شەكلىگە ئىگە بولۇپ، ساغرىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا كولومبىيەگە بېرىپ ساغرىسىنى كۆتۈرۈش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغان.

لېكىن بەختكە قارشى، ئۇ تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان S شەكىللىك بەدىنىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، جوسېلىن كانو قىلدۇرغان ئوپېراتسىيە بولسا بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىدىن ماينى ئېلىپ، ئاندىن ساغرىسىغا ئوكۇل قىلىپ، ساغرىسنى تېخىمۇ تولغان كۆرسىتىدىكەن. دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، جوسېلىن كانو قان تومۇرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن ماي كەپلەشمىسى پەيدا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا تراگېدىيە يۈز بەرگەن.

گەرچە جوسېلىن كانونىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تېخى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دەلىللىشىگە ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەپتە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىدىكى بىر دەپنە ئىشلىرى ئورنىدىكى بىر بۆلەك ۋىدېيو تارقالغان، خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ دەل جوسېلىن كانونىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىلىشى ئىكەن.

يۇقۇم سەۋەبىدىن ۋىدېيودا پەقەت نەچچە ئون ئادەمنىڭ ئۇنى ئۇزىتىپ قويغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ساغرا كۆتۈرۈش ئوپىراتسىيەسى نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ھۆسىن تۈزەش ئوپىراتسىيەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا شەكىل تۈزەش تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ 2015-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2000-يىلىدىن بۇيان، بۇ ئوپىراتسىيەنىڭ ئامېرىكىدا قارشى ئېلىنىش دەرىجىسى %250 تىن ئاشقان.

لېكىن، بۇ خىل ئوپېراتسىيە ئالقىشقا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ زادى قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىگە سەل قارىغان.

ئامېرىكا شەكىل تۈزەش تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 3000 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم مۇشۇ سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇ خىل ئوپېراتسىيەنىڭ خەتىرى باشقا ھەرقانداق ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.

تۇيۇقسىز جوسېلىن كانونىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلار ۋە مەستانىلەر ھاڭ-تاڭ قالدى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان تەزىيە بىلدۈرۈشتى.

خاتىرجەم كەتكىن دوستۇم جوسېلىن كانو، مەن ھازىرغىچە بۇ خەۋەردىن بەك ھەيران قالدىم، بۇنىڭ راستلىقىغا قەتئىي ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ!


خاتىرجەم كېتىڭ، شۇنچىلىك ياش، شۇنچىلىك گۈزەل ئىدىڭىز...



جوسېلىن كانونىڭ ساغرا كۆتۈرۈش ئوپىراتسىيەسى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، جوسېلىن كانو بىر تور چولپىنى بولۇپلا قالماستىن، تۇرمۇشتا ئۇ يەنە ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى، شۇڭا مەستانىلەر ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلار ئۈچۈنمۇ بەخت تىلىمەكتە.

ئەگەر ئاتالمىش تېخىمۇ مۇكەممەل بەدەنگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتى بەدىلىگە گۆدەك بالىنى ئانىسىدىن مەھرۇم قىلىشقا توغرا كەلسە، بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولمامدۇ؟



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|ئۇچقۇن مۇنبېرى

GMT+8, 2021-1-21 04:08 , Processed in 1.324218 second(s), 40 queries .

Powered by Uchkun X3.4(Qaksiz Izdax)

© 2020 Dilsiri

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش