mydrivers تورى خەۋىرى: بۈگۈن vivo ئورگان تەرەپ X60 يۈرۈشلۈك يانفونىنىڭ ئەمەلىي سۈرەتلىرىنى تارقاتتى. سۈرەتتە كۆرسىتىلگەندەك، vivo X60نىڭ ئالدى كامېراسى ئېكراننى تېشىپ ئورنىتىلغان، كەينى يۈزىگە كلاسسىك X يۈرۈشلۈكىدىكىگە ئوخشاش قوش رەڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان.  
سەپلىمە جەھەتتە، vivo X60 يۈرۈشلۈكىگە سامسۇڭ Exynos 1080 تىپلىق بايراقدار بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، بۇ تۇنجى 5nm A78 ئۆزىكى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ CPU ۋە GPUسىغا ARMنىڭ ئەڭ يېڭى بىر ئەۋلاد Cortex-A78 ۋە Mali-G78 گۇرۇپپىسى قوللىنىلغان، CPU ئاساسىي چاستوتىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2.8GHzگە يېتىدۇ.




بۇنىڭدىن باشقا، vivo X60نىڭ قېلىنلىقى 7.3mm بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ نېپىز 5G يانفونى ھېسابلىنىدۇ، بۇ يانفون 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. 


|