تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇچقۇن

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
كۆرۈش: 12|ئىنكاس: 0

خامۇشلۇق كېسىلىنى ۋىرۇس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

26

يازما

93

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
93
ۋاقتى: 2020-12-23 13:16:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خامۇشلۇق كېسىلىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

توۋتياۋ تورى خەۋىرى

خامۇشلۇق كېسىلى «ۋىرۇس تەلىماتى»

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، ياپونىيە توكيو چارىتىكۇرابۇ تېببىي داشۆسى(慈惠会医科大学)نىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇس گېنىنى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەتىگەنلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، توكيو چارىتىكۇرابۇ تېببىي داشۆسىنىڭ پروفېسسورى ۋە ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى گۇرۇپپا خامۇشلۇق كېسىلىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقسىل كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ چىققان.

خامۇشلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىسمى «ئادەم قاپارتما ۋىرۇسى 6-نومۇر»، نېرۋا خاراكتېرلىك ۋىرۇسقا تەۋە.

ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ۋىرۇس ئادەتتە ئىنتايىن جىمجىت بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلار چارچاپ، بېسىمى ئېغىرلاپ كەتكەندە كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ ئادەمدە خامۇشلۇق پەيدا قىلىدىكەن.

B پونكىت تاراتقۇلىرى «لاۋ گاۋ بىلەن شياۋمو»نىڭ بىر سانىدىكى ۋىدىيوسىدا بۇ تەتقىقاتنى تىلغا ئالغان بولۇپ ئۇلار خامۇشلۇق كېسىلىنى يۇقارقى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىغان. بىر ئادەمنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بولماسلىقى ئۇنىڭ ئىچى كۈچلۈك بولۇش-بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئىچى كۈچلۈك ئادەممۇ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

ئۇنداقتا خامۇشلۇق كېسىلى راستتىنلا بۇ ۋىرۇستىن كېلىپ چىققانمۇ؟

نۆۋەتتە تاراتقۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىش يوللىرى بارغانسېرى قولايلاشتى، ئەمما ئوخشاش بولمىغان ئۇچۇرلارنىڭ راست ـ يالغانلىقى ۋە سۈپىتىنى پەرقلەندۈرۈشمۇ تەسكە توختايدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ماقالىلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلىرىنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىۋالىدۇ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە خامۇشلۇق كېسەللىكىنىڭ مېڭە نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى توغرىسىدىكى قاراشلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى «مونامىن قىياسى»دىن كەلگەن.

مونامىن قىياسى مۇنداق دەپ قارىغان: خامۇشلۇق مونامىن نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. خامۇشلۇق كېسىلىنى تورمۇزلىغۇچى دورا MAO ۋە 5 - گىدروكسى ترىپتامىن(5一羟色胺) ياكى قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلارنىڭ يېنىكلەتكىنىدەك پاكىت «يەككە ئامىن قىياسىنى» كۈچلۈك قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەتقىقات خادىملىرى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ كۈچلۈك دوپامىن رېتسېپتورى(多巴胺激动剂) (ئانفېتامىن ۋە كوكائىن) (如安非他明和可卡因)غا نىسبەتەن ئىنكاسى بولمىغاچقا، دىققىتىنى باشقا ئىككى خىل يەككە ئامىن تۈرىدىكى ماددىغا قاراتقان.

لېكىن بىزنىڭ چوڭ مېڭىمىزنى ھەر خىل نېرۋا توشۇغۇچى ماددىلار قاپلىغان. بۇ بىر خىل خىمىيەلىك مولېكۇلا بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنى توشۇشقا مەسئۇل سىگنال، سىز چوڭ مېڭىنى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىكى سانسىزلىغان تەنھەرىكەتچى دەپ چۈشەنسىڭىز، ئورتاق يەتكۈزىدىغىنى چوڭ مېڭىنىڭ كەيپىياتى ۋە بىلىش بۇيرۇقى، ئەجەبا خامۇشلۇق كېسىلى پەقەت مۇشۇ بىر توردىن مەسىلە چىققانلىقتىمۇ؟

ئەمەلىيەتتە خامۇشلۇققا قارشى دورىلار بارلىققا كەلسىمۇ، بىز يەنىلا خامۇشلۇق كېسىلى توغرىسىدا ھېچنېمىنى بىلمەيمىز، ئۇنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش مېخانىزمىنى بىلمەيمىز، ھەتتا، دورىنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز.

پسىخولوگىيە ۋە روھىي كېسەللەر ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەزى ئالىملار خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنىڭ ھەرگىزمۇ مۇشۇلا ئەمەسلىكىنى بايقىغان، ئۇنىڭدا خامۇشلۇق توسالغۇسىنىڭ بىر مەنبەچىلىك قارىشى خېلى بىۋاسىتە ۋە چۈشىنىشلىك، لېكىن ھازىر بۇ خىل بىر تەرەپلىمە چۈشىنىش ئۇسۇلىنى رەت قىلىشقا توغرا كېلىدىغان ۋاقىت كەلدى



خامۇشلۇق كېسىلىگە ئائىت 1000 پارچە ئىلمىي ماقالىنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز قەغەز

ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا 1996ـ يىلىلا ھەممە يەرنى قاپلىغان خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپا ئالىملىرى ئالاھىدە گېن SLC6A4نىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بايقىغان.

كېيىنكى 20 يىلدا، تەخمىنەن 450 پارچە ئىلمىي ماقالە مۇشۇ تەتقىقات ئاساسىدا ئېلان قىلىنغان.

يېقىندا كولورادو داشۆسىدىكى Rid Border خامۇشلۇق كېسىلىگە ئائىت 18 نامزات گېننى تاللىغان بولۇپ، بۇ SLC6A4 نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىدا ئالاھىدە گېن بارلىقىنى بايقىمىغان، شۇڭا بۇ 20 نەچچە يىلدا نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىنغان تەتقىقاتمۇ پەقەت «قۇرۇق گەپ» بولۇپ قالغان.

كېيىن يەنە نۇرغۇن ئالىملار تېخىمۇ زور مەبلەغ ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىپ، يەنىلا SLC6A4نىڭ خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تاپالمىغان.

ئەمەلىيەتتە خامۇشلۇق كېسىلىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن قاراشنى، ھازىر ھەر قايسى چوڭ روھىي ئاپپاراتلارنىڭ پۈتۈنلەي ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئېتىراپ قىلدۇرغانلىقىنى بايقىغىلى بولمايدۇ، بۇلار تېخى ئېنىق ئېتىراپ قىلىنمىغان.

ئامېرىكا روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى فرانسىس مارك موندىمور (Francis M. Mondimore,MD) ۋە پاترىك كېللىي (Patrick Kelly,MD) نوپۇزلۇق ئەسەر «بالام خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولدى»، «ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خامۇشلۇق كېسىلى ئائىلە قوللانمىسى»دا مۇنداق دېيىلگەن: «بىزنىڭ روھىي دۇنيارىمىز بىيولوگىيە ئامىلى بىلەن پىسخولوگىيە ئامىلىنىڭ ئۆزارا تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ خىل ئىچكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىش ھەم رەتلەپ چىقىش ناھايىتى تەس. بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بەلكىم مۇرەككەپ ئۆزارا تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى بىلەن تەسىر كۆرسىتىش رولى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئايرىۋېتىش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق، خالاس».

خامۇشلۇق كېسىلىنى كۆپ ئامىل پەيدا قىلىدىغان كېسەللىك، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەب ئىسپاتى مەيلى فىزىيولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، مېڭە ئىلمى قاتارلىقلار بولسۇن، بۇلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغىلى ھەم پۈتۈنلەي ئېتىراپ قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىر مەنبەچىلىكى پەقەت مەسىلىنى ئەسەبىيلىككە باشلايدۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا قىلچە پايدىسى يوق.



كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|ئۇچقۇن مۇنبېرى

GMT+8, 2021-1-21 03:12 , Processed in 1.287109 second(s), 43 queries .

Powered by Uchkun X3.4(Qaksiz Izdax)

© 2020 Dilsiri

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش