تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇچقۇن

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
كۆرۈش: 14|ئىنكاس: 0

ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

26

يازما

93

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
93
ۋاقتى: 2020-12-23 13:13:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

توۋتياۋ تورى خەۋىرى:

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن ئىشلار مەۋجۇت. بەزى تاسادىپىي ئەھۋاللار بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن بەزى كىشىلەر تاسادىپىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.

1. ھەرە تىغىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئامان قالغۇچى.

2015-يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تورلاردا ئىنتايىن ئالاھىدە بىر ئۇچۇر تارقالغان. بىر ئاپتوموبىل غايەت زور ھەرە تىغى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، لېكىن ئاپتوموبىلدىكى ئەر ئامان قالغان. ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوموبىل يولدا كېتىۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىز بىر چوڭ يۇمىلاق ھەرە تىغى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن چۈشۈپ كەتكەن، بۇ يۈك ئاپتوموبىلى شۇ چاغدا ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى توشۇۋاتقان ئىكەن. بۇ ئۆتكۈر ھەرە تىغى ماشىنىنىڭ ئالدى قىسمىغا تېگىپ، ماتورغا سانجىلىپ قالغان.

2. يەتتە قېتىم ئۆلۈم بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن ئادەم.

كىرودىيەدىن كەلگەن فرانك سېلاك دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك ۋە ئەڭ بەختسىز ئادەم دەپ قارالغان. چۈنكى، ئۇ ئۆمرىدە يەتتە قېتىم ئۆلۈم بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن.

1962- يىلى يامغۇرلۇق كۈنلەردە ئۇ ئولتۇرغان پويىز جىلغىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، رېلىستىن چىقىپ كېتىپ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە 17 ئادەم ئۆلگەن، ئەمما ئۇ ھايات قالغان.

1963- يىلى ئۇ ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا، ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچرىغان، ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ ئىشىكى بۇزۇلۇپ قالغاچقا، ئۇ ئۇچۇرۇپ چىقىرۋېتىلگەن. بۇ قېتىمقى ھادىسىدە 19 ئادەم قازا قىلغان، لېكىن ئۇ ھايات قالغان.

1966-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ھادىسىگە ئۇچراپ دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن، تۆت يولۇچى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن، ئەمما ئۇ يەنە ھايات قالغان.

1970-يىلى ئۇ ئاپتوموبىل ھەيدەۋاتقاندا، ئاپتوموبىلى تۇيۇقسىز كۆيۈپ كەتكەن، ئەمما ئۇ ئاپتوموبىل پارتلاشتىن بۇرۇن قېچىپ كېتەلىگەن بولغاچقا ھايات قالغان.

1973-يىلى ئۇ ھەيدىگەن ئاپتوموبىل يەنە بىر قېتىم قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان، ئەمما ئۇ يەنە ھايات قالغان.

1995- يىلىغا كەلگەندە، ئۇ يەنە بىر قېتىم قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان، لېكىن بۇ قېتىم ئۇ ئاپتوبۇسقا سوقۇلۇپ كەتكەن، ئەمما پەقەت يېنىكلا يارىلانغان.

1996-يىلىغا كەلگەندە، ئۇ يەنە بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان، يەنە كېلىپ شۇ چاغدا ئۇ ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول بويىدىكى رىشاتكىغا سوقۇلۇپ كەتكەن، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىۋالمىغاچقا، ئۇ ئۇچۇپ چىقىپ، بىر تۈپ دەرەخكە ئېسىلىپ قالغان، لېكىن ئۇ يەنىلا ھايات قالغان.

3. قارا قۇيۇندا ھايات قالغۇچى.

قارا قۇيۇن بىر خىل بۇزغۇنچىلىق كۈچى كۈچلۈك تەبىئىي كۈچ. مېرت سارترې ئىسىملىك بىر ئادەم ئۆيىدە كالتە ئىشتان بىلەن تېلېۋىزور كۆرۈۋىتىپ، تۇيۇقسىز غايەت زور شامالنىڭ ھۇۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ھەمدە دەرھال ئۆينىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى يېپىۋەتمەكچى بولغان، ئەمما قارا قۇيۇن ئۇنى سىرتقا ئۇچۇرۇپ كەتكەن، قارا قۇيۇن ئۇنى 398 مېتىر يىراقلىققا ئۇچۇرۇپ ئاپىرىپ تاشلىغان. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ بەدىنى بەزى كىچىك يارىلاردىن باشقا ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچرىمىغان.

4. ئايروپىلان ھادىسىگە ئۇچراپ ھايات قالغۇچى.

ئايروپىلان ھادىسىسىدە ھايات قېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئەمما 2016-يىلى رامىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ 2933-نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەندە، ئېلۋىن تۇمىلى ئىسىملىك بىر ئەر ئامان قالغان. بۇنى بىر چوڭ مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. ئايروپىلان كولومبىيەنىڭ تاغلىق رايونىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، 71 ئادەم قازا قىلغان، لېكىن ئۇ ھايات قالغان.

5. سۇ ئاستىدا ئىككى كۈن ياشىغان ئەر.

نىگېرىيەلىك بىر ئەر سۇ ئاستىغا قاپسىلىپ قېلىپ، سۇ ئاستىدا توپتوغرا ئىككى كۈن ياشىغان. ئۇ ئەينى چاغدا بىر سۆرىگۈچى پاراخوتقا ئولتۇرغان بولۇپ، بۇ سۆرىگۈچى پاراخوت بىر قېتىملىق كۈچلۈك دولقۇندا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، دېڭىز ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن. ئۇ بۇ پاراخوتنىڭ ئاشپىزى بولۇپ، پاراخوت ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تەخمىنەن 30 مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكۈپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بارلىق پاراخوت خادىملىرى ئۆلۈپ كەتكەن، پەقەت ئۇنىڭلا تەلىيى كېلىپ پاراخوتنىڭ نەپەسلىنىشكە بولىدىغان جايىغا قاپسىلىپ قالغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەقەت بىر قۇتا كولا بار بولۇپ، ئۇ مۇشۇ بىر قۇتا كولاغا تايىنىپ 62 سائەتنى ئۆتكۈزگەن.

6. 16 پاي ئوق تېگىپمۇ ھايات قالغان ئادەم.

ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر نەچچە پاي ئوقتىلا ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئەمما فىلادېلفىيەدە بىر ئادەم مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ئامان قالغان، ئۇنىڭغا 16 پاي ئوق تەگكەن بولسىمۇ، ئۆزى 3.2 كىلومېتىر يولنى پىيادە مېڭىپ دوختۇرخانىغا بارغان ھەمدە ئاخىرى ھايات قالغان.

7. كىت تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىپ ھايات قالغان ئادەم.

كىت تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەنلىك ئاڭلىماققا ئەپسانىدەك بىلىنىدۇ، ئەمما جەنۇبىي ئافرىقىدىكى رېينا سىمپسون ئىسىملىك غەۋۋاس مۇشۇنداق ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان، لېكىن ئۇ ئاخىر ئامان قالغان. بۇ 51 ياشلىق دېڭىز-ئوكيان مۇھاپىزەتچىسى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ماندېلا شەھىرىنىڭ قىرغىقىدا سۇغا شۇڭغۇپ سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا، بىر چوڭ كىتقا ئۇچراپ قالغان، ئاندىن كىت ئۇنى پۈتۈنلا ئاغزىغا سېلىۋالغان، ئەمما كېيىن ئۇنى قويۇپ بەرگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئىنتايىن كۈتۈلمىگەن ئەھۋال بولۇپ، كىت ئادەتتە ھەرگىز بۇنداق قىلمايدۇ، چۈنكى كىتنىڭ كېكىردىكى ئانچە چوڭ بولمىغاچقا، ئىنسانلارنى يۇتۇۋېتەلمەيدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|ئۇچقۇن مۇنبېرى

GMT+8, 2021-1-25 17:41 , Processed in 1.257812 second(s), 32 queries .

Powered by Uchkun X3.4(Qaksiz Izdax)

© 2020 Dilsiri

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش