تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇچقۇن

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
كۆرۈش: 63|ئىنكاس: 0

سامانيولى سېستىمىسىنىڭ يېڭى قىياپىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

26

يازما

99

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
99
ۋاقتى: 2020-12-23 13:09:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

توۋتياۋ تورى:

يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قارايدىغان كىشىلەرنىڭ سامان يولىغا نىسبەتەن ھەر خىل قىياسلىرى بار. قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدە سامانيولى خانىش ھېرانىڭ سۈتىنىڭ يېيىلىشىدىن ھاسىل بولغان؛ جۇڭگو ئەپسانىلىرىدە بولسا سامانيولى ئاسماندىكى بىر دەريا بولۇپ، پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىزنى ئايرىشقا ئىشلىتىلگەن؛ ھىندىستاندا بولسا سامانيولى پەلەكتىكى گانگ دەرياسى ھېسابلىنىدۇ.

گالىلېي تېلېسكوپتىن پايدىلىنىپ سامانيولىنى كۆزەتكەندە، ئاندىن سامانيولىنىڭ ئەمەلىيەتتە سانسىزلىغان تۇرغۇن يۇلتۇزلاردىن تۈزۈلگەنلىكىنى بايقىغان. ئەمما، بىز ئۆزىمىز سامانيولى سىستېمىسىغا جايلاشقان بولغاچقا، سىرتتىن كۆزىتىشكە ئامالسىزمىز، شۇڭا سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ھەقىقىي ھالىتىنى ئاسانلىقچە بىلگىلى بولمايدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئاسترونومىيە ئەسۋابلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاسترونوملار سامانيولى سىستېمىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بىلىش، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ رەسىمىنى تەسۋىرلەش يولىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىنسانلارنىڭ سامانيولى سىستېمىسىغا بولغان تونۇشىنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتمەكتە.

18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، ئەنگلىيەلىك ئالىم خېرشېل تۇنجى قېتىم سامانيولى سىستېمىسى شەكلىنىڭ مىقدارلىق مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ ئاسمان بوشلۇقىدىكى تەخمىنەن 117 مىڭ 600 دانە تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنىنى ئۆلچەپ چىققان، ئەمما ئۇ قۇياش سىستېمىسى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىدە، بەرپا قىلىنغان خېرشېل سامانيولى سىستېمىسى خەرىتىسىمۇ مۇشۇنداق، كىشىلەر چۈشىنەلمەيدۇ، دەپ قارىغان.


كېيىن سامانيولى سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسىغا بولغان تونۇشىغا ئەگىشىپ، قىسمەن ئاسترونوملار سامانيولى سىستېمىسى بىزگە قوشنا بولغان M31 ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن ئوخشاش (ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سىستېمىسى يۆنىلىشى، ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ) بولۇشى مۇمكىن، ئۇ بىر قاينامسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولۇپ، مەركىزىدە بىر يادرو شارچىسىنىڭ سىرتىدا نەچچە تال سپىرال بىلىكى بولىدۇ، دەپ قارىغان. 1918-يىلى ئامېرىكىلىق ئاسترونوم شاپلېي قۇياش سىستېمىسى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ گىرۋىكىدە دەپ قارىغان؛ 1926-يىلى شىۋېتسىيەلىك ئاسترونوم بەسېل لىنبلەند سامانيولى سىستېمىسىنىڭمۇ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلىپ چىققان؛ 1951-يىلى ئامېرىكا يېكس رەسەتخانىسى سامانيولى سىستېمىسىدىكى ئۈچ سپىرال بىلەكنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا پېرسېي بىلىكى، ئورىئون بىلىكى ۋە قەۋس بىلىكى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ كېيىن يېڭىدىن بايقالغان 3000 سېكۇنت پەرق يەلكىسى (3kpc)نى قوشقاندا تۆت ئاساسىي سپىرال بىلەك تەلىماتى تەدرىجىي ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالغان. ھازىرقى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت ئىككى ئاساسىي سپىرال بىلىكى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىنفرا قىزىل نۇر، X نۇر ۋە گامما نۇرى يەر شارى ئاتموسفېرا قەۋىتىنى تېشىپ ئۆتەلمىگەچكە، ئاسترونوملار ئالەمنىڭ سىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، خۇببىل بوشلۇق تېلېسكوپى، كومپتون گامما نۇرى رەسەتخانىسى، چاندېرا X نۇرى رەسەتخانىسى، سپىتزېر بوشلۇق تېلېسكوپىدىن ئىبارەت تۆت ئالەم بوشلۇقى تېلېسكوپىنى قويۇپ بەرگەن.

بۈگۈنكى كۈندە، بىز سامانيولى سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئىنچىكە تونۇشقا ئىگە بولدۇق. سامانيولى سىستېمىسى تەخمىنەن بىر ياپىلاق تەخسە بولۇپ، دىيامېتىرى تەخمىنەن 100 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ، بۇ بىزنىڭ قوشنىمىز M31 ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سېستىمىسىنىڭكىدىنمۇ كىچىك، M31 ئاندرومېدا يۇلتۇزلار سېستىمىسى بولسا دىيامېتىرى 220 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان قاينامسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىدۇر. ھېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمى(Hercules A) نىسبەتەن چوڭ بولغان يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولۇپ، كەڭلىكى 1 مىليون 500 مىڭ يورۇقلۇق يىلىغا يېتىدۇ.

سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 12 مىڭ يورۇقلۇق يىلى، قۇياش سىستېمىسى ئەتراپىنىڭ قېلىنلىقى 2000 يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. ئەگەر سامانيولى سىستېمىسىنىڭ دىئامېتىرى ئۇچار تەخسىچىلىك چوڭلۇقتا بولسا، ئۇنداقتا بۇ دىسكىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن بىر ۋاراق قەغەزنىڭ قېلىنلىقىدىن ئىبارەت بولىدۇ. بۇ تەخسىگە تەخمىنەن 400 مىليارد يۇلتۇز تارقالغان.

سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزى ئەتراپىدىكى ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئالىملار سامانيولى سىستېمىسىنىڭ يادروسىنىڭ قۇياش ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن 4 مىليون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىغان قارا ئۆڭكۈر ئىكەنلىكىنى بايقىغان، ئاسترونوملار ئۇنىڭغا قەۋس يۇلتۇز تۈركۈمى A دەپ نام بەرگەن، ئۇنى بايقىغان ئىككى نەپەر ئالىم شۇ سەۋەبتىن 2020-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

قۇياش سىستېمىسى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 26 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان بولۇپ، سامانيولى سىستېمىسىدىكى ئىككىلەمچى سپىرال بىلەكنىڭ ئىچكى يان گىرۋىكىدە تۇرىدۇ، بۇ ئىككىلەمچى سپىرال بىلىكى ئورىئون يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ سپىرال بىلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىلگىرى تۆت ئاساسىي سپىرال بىلىكىدە قالقان-سېنتاۋر بىلىكى ۋە پېرسېي بىلىكىدە زور مىقداردىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار بار ئىكەن، ئەمما قەۋس بىلىكى ۋە چۆپگەز بىلىكىدە زىچ توپلانغان تۇرغۇن يۇلتۇزلار بايقالمىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بەزى ئالىملار سامانيولى سىستېمىسىنىڭ پەقەت ئىككى ئاساسىي سپىرال بىلىكى نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ باشقا يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنى كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، يەنى يۇلتۇزلار سىستېمىلىرىنىڭ مەركىزىدە بىر تاياقسىمان يادرو بولغاندا، تاياقنىڭ ئىككى ئۇچى ئىككى ئۇزۇن سپىرال بىلەكنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ، لېكىن سامانيولى سىستېمىسىنىڭ راستتىنلا مۇشۇنداق ئۆسۈپ يېتىلگەن- يېتىلمىگەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ.

بىز يەر شارىنىڭ قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىمىز، ئەمەلىيەتتە قۇياش سىستېمىسىمۇ سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرئىتىمۇ ئاستا بولماستىن، 220km/s بولىدۇ. بۇنداق تېز سۈرئەتتە پەقەت 2 مىنۇت 54 سېكۇنت ئىچىدە يەر شارى ئېكۋاتورىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقالايدۇ. قۇياش سىستېمىسى تەخمىنەن 250 مىليون يىلدا ئاندىن سامانيولى سىستېمىسىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقالايدۇ ياكى سامانيولى يىلىنى تاماملاپ بولالايدۇ. 4 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرى قۇياش سىستېمىمىز بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، سامانيولى سىستېمىسىنى 20 قېتىم ئايلىنىپ چىقتى.

سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئەتراپىدا ئاز دېگەندە يەنە ئۈچ غايەت زور تۇرغۇن يۇلتۇز ئېقىمى ئۇنى ئوراپ تۇرىدۇ. بۇ تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئېقىمىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13 مىڭ يورۇقلۇق يىلىدىن 130 مىڭ يورۇقلۇق يىلىغىچە بولۇپ، بۇ سامانيولى سىستېمىسى ئىلگىرى يۇتۇۋەتكەن قەدىمكى يۇلتۇزلار توپىنىڭ قالدۇقى بولۇشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئالىملار سامانيولى سىستېمىسى قەۋس پەتەك يۇلتۇزلار سىستېمىسى (Sagittarius Dwarf Galaxy) دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى يۇتۇۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا. كەلگۈسىدە سامانيولى سىستېمىسى تەخمىنەن 2 مىليارد يىلدىن كېيىن ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى بىلەن سوقۇلىدۇ، بۇ قېتىمقى سوقۇلۇش 5 مىليارد 500 مىليون يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ. سوقۇلۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سامانيولى سىستېمىسى بىلەن ئاندرومېدا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى يۇلتۇزلار سىستېمىسى يەنە ئىككى بۇرمىسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسى بولماستىن، بەلكى ئېللىپىسسىمان يۇلتۇزلار سىستېمىسىغا ئايلىنىدۇ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|ئۇچقۇن مۇنبېرى

GMT+8, 2021-5-12 07:36 , Processed in 1.215820 second(s), 19 queries .

Powered by Uchkun X3.4(Qaksiz Izdax)

© 2020 Dilsiri

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش