تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇچقۇن

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
كۆرۈش: 14|ئىنكاس: 0

بوۋاينىڭ سوئالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

26

يازما

93

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
93
ۋاقتى: 2020-12-23 13:06:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

بەيدۇ تورى:

مېھمانساراي تاقىلاي دەپ قالغاندا، كىيىملىرى جۇل-جۇل بىر بوۋاي ھودۇقۇپراق كىرىپ كەلدى.

مۇلازىم ھەيران بولۇپ ناتونۇش مېھمانغا قارىدى.

قارىماققا بېشىدىن تالاي ئىسسىق-سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن بوۋايدەك كۆرىنەتتى، يۈزلىرىنى ئالا قويماي قورۇق باسقان، تىزلىرى تىترەپ دەلدەڭشىپ ئارانلا ماڭاتتى، قاڭشىرىدا قېرىلىق كۆزئەينىكى ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئوڭ قولىدا 20 نەچچە يىل ھەمراھ بولغان ھاسىسى بار ئىدى.

بوۋاي ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاچ قول ئىشارىتى قىلىپ تىترەڭگۈ ئاۋازدا مۇلازىمغا:

-بىرسى مېنى سورىدىمۇ؟- دېدى.

مۇلازىم داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئارقىدىن ئالدىراشلا:

-ياق! -دەپ جاۋاپ بەردى.

بوۋاي ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ، يۈزىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ مەيۈسلەنگەن ھالدا:

ـــ ئۇنداقتا، ماڭا بىر رومكا ھاراق قۇيۇپ بېرىڭ، ئەپەندىم! ـــ دېدى-دە، ئۇھ تارتقىنىچە ئىشىك تەرەپكە تەلمۈرۈپ قارىغاچ ھاراقنى ئاستا ئىچىۋەتتى.

ئارقىدىن ھاسىسى بىلەن يەرنى تىرەجەپ، مۈكچەيگەن بەللىرىنى ئاستا رۇسلاپ، بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە خۇددى ئۆزى بېرىشقا تېگىشلىك يەرنى ئىزدىگەندەك مېھمانخانىدىن چىقىپ كەتتى.

مۇلازىم ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى، ئۇنى ھەم بىچارە ھەم غەلىتە ھېس قىلدى.

ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، مېھمانلار مېھمانخانىغا توختىماي كىلىپ-كېتىپ تۇراتتى، مۇلازىم ھېلىقى بىچارە بوۋاينى ئۇنتۇپ قالغىلىۋاتاتتى.

بىراق بىر كۈنى كېچىدە مېھمانساراينىڭ ئەڭ ئاخىرقى خېرىدارى ئىشىكتىن چىققاندا، بوۋاينىڭ سىيماسى يەنە ئىشىك ئالدىدا كۆرۈندى.

ئۇ ئۈن ـ تىنسىز ھالدا مېھمانخانىغا كىرىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ھەسرەت ئىچىدە:

-بىرسى مېنى سورىدىمۇ؟-دېدى.

مۇلازىم ئەنسىزلىك بىلەن:

-ياق! - دەپ جاۋاب بەردى.

بوۋاي ئوڭ قولى بىلەن يۈزىدىكى تەرلەرنى سۈرتۈپ، خۇددى يارىلانغان ئادەمدەك پىچىرلىدى:

ـــ ئۇنداقتا، ماڭا ئىككى رومكا ھاراق قۇيۇپ بېرىڭ، ئەپەندىم!

بوۋاي ھاراقنى بىر يۇتۇم بىر يۇتۇمدىن ئىچتى، كۆزلىرى ئىشىككە تىكىلگەن ئىدى.

ھاراق رومكىسى قۇرۇقدىلىنىپ قالغاندا، بوۋاي ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئېغىر قەدەملىرى بىلەن مېھمانخانىدىن مىسىلداپ چىقىپ كەتتى.

بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى، بوۋاي مېھمانخانىغا قايتا «قەدەم تەشرىپ» قىلمىدى.

بىر كۈنى كېچىسى ،

ـــ بىرى مېنى سورىدىمۇ؟ - دېگەن تونۇش ئاۋاز قايتا ئاڭلاندى...

ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى.

مۇلازىمنىڭ جاۋابى يەنىلا:

-ياق!- ئىدى.

بوۋاي ئېچىنغان ھالدا:

ـــ ئۇنداقتا، ماڭا بىر بوتۇلكا ھاراق ئەكېلىپ بېرىڭ، ئەپەندىم!

مۇلازىم ھېسداشلىق بىلەن بوۋايدىن سورىدى:

-بىر بوتۇلكا دەمسىز؟

بوۋاي بېشىنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ قەستەن گەپ ئىزدەۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندەك بولدى.

ھاراق كەلدى، بوۋاي ئىچتى، ئىچتى، بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئىچىپ تۈگەتتى.

مۇلازىمنىڭ كۆزى ئىزچىل بوۋاينىڭ يۈزىگە تىكىلگەن ئىدى.

بوۋاي ھاسا بىلەن تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانخانا دەرۋازىسىغا قاراپ قەدەم تاشلىدى، ئەمما بىر سەنتۈرلۈش بىلەن ھاسسىسى قولىدىن چىقىپ كەتتى-دە، يىقىلىپ چۈشتى.

ئىككى پۇتى ئۇنىڭغا بوي سۇنمايتتى، دەلدەڭشىگەن ھالدا ئوڭ قولى بىلەن ئۈستەلنىڭ پۇتىنى تۇتۇپ، تىركەشكەنچە ئورنىدىن تۇرماقچى بولدى، بىراق ئۈستەل ئۆرۈلۈپ كەتتى...

مۇلازىم دەرھال يۈگۈرۈپ كەلدى، كۆزلىرىگە ياش تولغان ھالدا يىغلاپ تۇرۇپ:

-دادا، يېقىندا بىرسى سىزنى سورىغاندەك قىلدى-دېدى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|ئۇچقۇن مۇنبېرى

GMT+8, 2021-1-21 03:56 , Processed in 1.284180 second(s), 40 queries .

Powered by Uchkun X3.4(Qaksiz Izdax)

© 2020 Dilsiri

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش