تاللاڭ يانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش

ئۇچقۇن

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىڭ
ئىزدەش
كۆرۈش: 51|ئىنكاس: 1

يوتقانغا يوشۇرۇنغان مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

26

يازما

93

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
93
ۋاقتى: 2020-12-20 23:15:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

1

ئۇ بىر بەختسىز بالا بولۇپ، تۇغۇلغاندىلا ئۆز ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن يېزىدىكى كۆۋرۈك بويىغا تاشلىۋېتىلگەن ئىدى. قىرىق نەچچە ياشلىق بىر ئەر ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ بېقىۋالغانىدى. ئۇ ئەر تېخىچە ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، كەنتتىكى ئەڭ قېرى بويتاق ھېساپلىناتتى.

ئۇ گۈرۈچنى ئېزىپ پىشۇرۇپ بالىغا يېگۈزدى، ئەسكى لاتىنى زاكا قىلىپ بەردى ھەم «دادا» دەپ چاقىرىشنى ئۆگەتتى. بالا تۇنجى قېتىم دادا دەپ چاقىرغاندا، ئۇنىڭ بېشى خۇشاللىقىدىن كۆككە يەتتى. كىشىلەر قىرىق ياشلىق بۇ ئەرنىڭ ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن دەريا بويىدا دۆۋە-دۆۋە زاكىلارنى يۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆرىغان بولدى.

دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، ئۇ بالىنى بىر سېۋەتكە سېلىپ ئېتىزغا ئېلىپ باراتتى. ئۇ ئورما ئورۇۋاتقاندا بالا سېۋەتتە ئولتۇرۇپ ئوينايتتى. ئۇ پات-پات كەينىگە بۇرۇلۇپ بالىغا قاراپ قوياتتى ۋە «ھى ھى ھى» دەپ كۈلەتتى.

كىچىك قىزچاق كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى، ئۇ قىزچاققا «يايا» دەپ ئىسىم قويدى. يايا يەتتە ياشقا كىرگەندە، تەڭ ياشتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇشقا ماڭدى، ئۇنىڭ بۇنى كۆرۈپ ئىچى تىتىلداپ كەتتى، چۈنكى يايامۇ ئوقۇمىسا بولمايتتى. ئۇ باشقىلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاز-ئازدىن پۇل يىغىشقا باشلىدى. بىر يىلدىن كېيىن، ئۇ يايانى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. تېخىمۇ كۆپ پۇل يىغىش ئۈچۈن ئۆزىدىن ياش يىگىتلەرگە ئەگىشىپ تاغقا چىقىپ ئوتۇن كېسىپ، ياغاچ كۆمۈر كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. قىش ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ كۆيدۈرگەن ياغاچ كۆمۈرلەرنى 800 نەچچە يۈەنگە سېتىپ، قىزىنىڭ ئىككى يىللىق ئوقۇشىغا ئىشلەتتى.

ئۇ قىزى بولغان كۈندىن باشلاپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، پىلان تۈزىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ يايانى بازاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئاپىرىپ ئوقۇتۇشنى پىلانلىدى. يايانىڭ نەتىجىسى ھەقىقەتەن ياخشى ئىدى، ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكىدا ھەر قېتىم يۈز نومۇر ئالاتتى. ئارىلىقتا سىنىپ مەسئۇلى بۇ قىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئانچە بەك ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتتى ۋە دادىسىنىڭ «ۋاڭ» فامىلىسىنى قوللىنىپ، قايتىدىن «ۋاڭ شۈيشيەن» دېگەن ئىسىمنى قويۇپ قويدى.

ئۇ شۈيشيەنگە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا يەتكۈدەك پۇل تېپىپ بېرىش ئۈچۈن ئوتۇن كېسىۋاتقاندا، يىقىلىپ چۈشۈپ كەنتتىكىلەر تەرىپىدىن شىپاخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. دوختۇر ئۇنىڭغا چوڭراق دوختۇرخانىغا داۋالىنىشىنى ئېيتقاندا ئۇ قەتئىي ئۇنىمىدى.

2

شۇ يىلى شۈيشيەن بازاردىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتتى. ئۇ ئۆيىدىكى ئىككى يوتقاننى يىلان تېرىسىدىن تىكىلگەن خالتىغا سالدى ۋە دۈمبىسىگە ئارتىپ شۈيشيەن ئوقۇيدىغان مەكتەپكە يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇ مەكتەپتىن كەتكەندىن كېيىن، شۈيشيەن يوتقاننى ياتاققا ئېلىپ كىرىشتىن خىجىل بولدى. چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىر ياتاقتىكى قىزلارنىڭ يوتقىنىنىڭ ھەممىسى تاۋاردىن تىكىلگەن ھەم يىپيېڭى ئىدى. پەقەت شۈيشيەننىڭلا يوتقىنى كونا بولۇپ، بەزى يەرلىرى يىرتىلغان ۋە ئەستىرى سارغىيىپ كەتكەنىدى. شۈيشيەن ئۆزى توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشقا رازى ئىدىكى، بۇ ئىككى غەلىتە يوتقاننى ياتاققا ئېلىپ كىرىشنى خالىمايتتى. لېكىن كېچىسى ھەقىقەتەن بەك سوغۇق بولاتتى. ئاخىرىدا شۈيشيەن ئامالسىز بۇ ئىككى كونا يوتقاننى ياتاققا ئوغرىلىقچە ئېلىپ كىردى ۋە يوتقاننى قۇچاقلاپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

شۈيشيەننىڭ نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئىزچىل بىرىنچى بولغاچقا، ھېچكىم ئۇنى بوزەك قىلالمايتتى. شۈيشيەننىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى، مۇئەللىم نومۇر ئېلان قىلغاندا ساۋاقداشلارنىڭ چالغان چاۋاكلىرى ئەمەس، بەلكى چىرايلىق، خۇشپۇراق، يېڭى بىر يوتقانغا ئېرىشىش ئىدى.

تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، دادىسى تۇيۇقسىز مەكتەپكە شۈيشيەننى ئىزدەپ كەلدى، دادىسىنىڭ كەينىگە ئىنتايىن ھاياجانلانغان بىر جۈپ ئەر-ئايال ئەگەشكەنىدى.

ھېلىقى ئايال:

− شۈيشيەننى كۆرۈپ ھاياجىنىمنى باسالمايلا قېلىۋاتىمەن،−دېدى.

ئەر-ئايال ئىككىسى شۈيشيەننىڭ يۈزلىرىنى قايتا-قايتا سىلىدى. شۈيشيەن قورۇنۇپ قالغان دادىسىغا قاراپ ھەممىنى چۈشەنگەندەك بولدى. دادىسى كېلىپ ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈردى ۋە ئازاپلانغان ھالدا:

−داداڭ سېنى تاشلىۋەتمىدى، بەلكى بۇلار سېنىڭ ئۆز ئاتا-ئاناڭ. ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى بەك ياخشىكەن، سەن ئۇلار بىلەن كەتسەڭ، كېيىن يەنە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالايسەن…−دېدى.

ئەر-ئايال ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن بەرمەكچى ئىدى، لېكىن ئۇ ئېلىشنى رەت قىلدى. شۈيشيەن كەنتكە قايتىشقا ئۈلگۈرمەيلا، يېڭى ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلدى.

3

شۈيشيەن ئەزەلدىن بۇنداق ھەشەمەتلىك ئۆينى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسى، ئۆزىنىڭ كارىۋىتى بار بولدى. كارىۋاتتا ئىنتايىن چىرايلىق، گۈللۈك يوتقان بار ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارمىقىنى چىشلەپ باقتى، چۈش كۆرمىگەنىدى!

شۈيشيەن شۇندىن باشلاپ ئۇ ئەر-ئايالنى «دادا-ئاپا» دەپ چاقىرىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېقىۋالغان دادىسىنىڭ گېپى چىقىپ قالسا ئۇنى «ۋاڭ تاغام» دەپ قوياتتى. ئۇ شەھەردىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر كىچىك بالكون بار بولۇپ، ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ پىئانىنوسى ۋە كومپىيۇتېرى بار. ئاتا-ئانىسى دائىم ئۇنىڭغا پارچە پۇل بېرەتتى، ئۇ بۇ پۇللارنى ئاز-ئازدىن يىغىپ قوياتتى. گەرچە ئۇ يەنە كەنتكە قايتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن ئۇ «ۋاڭ تاغا»نى ۋە ئۇنىڭ قىشتا ئىسسىق ساقلايدىغان يوتقىنىنىڭ يوقلۇقىنى ئويلاپ قالاتتى.

ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ توي قىلماي تۇرۇپلا ئۇنى تۇغۇپ، ئامالسىز يېزىدىكى كۆۋرۈك بويىغا تاشلاپ قويغانلىقىنى ئېيتتى. بىرنەچچە يىلدىن كېيىن ئىككىيلەن توي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قايتا بالىلىق بولالمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەينى يىلدىكى كۆۋرۈك يېنىغا قايتىپ بېرىپ ئۇنى ئىزدىگەنىدى…

ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئۆز بالىسى ياكى ئەمەسلىكىدىن ئەزەلدىن گۇمانلىنىپ باقمىدى، بىر كۈنى ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزۇپ، جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ قان تىپىنى تەكشۈرۈپ باقتى. نەتىجە چىققاندىن كېيىن، ئەر-ئايال ئىككىلىسى ھاڭۋىقىپ تۇرۇپلا قالدى. چۈنكى 15 ياشلىق بۇ قىزچاقنىڭ ئۇلارنىڭ بالىسى بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەر-ئايال ئىككىسى بىر كېچە مەسلىھەتلىشىپ، بۇ خەۋەرنى ئۇنىڭغا ئېيتماسلىقنى قارار قىلدى.

ئۇلار ئۇنى ئىككى يىل باقتى، بېقىش جەريانىدا ئەر -ئايال ئىككىسى ئۇنىڭغا روشەن ھالدا سوغۇق مۇئامىلە قىلدى، شۈيشيەن ئۆزىدىن سەۋەنلىك ئۆتۈۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگەندى. مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تاماق ئېتىش، قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇشنى ئۆزى يالغۇز ھۆددىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاتا -ئانىسىنى رازى قىلالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقىرىشىدىن، ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ئانچە ئاكتىپ بولمىغانلىقىدىن نارازى بولدى، ئۇنى ئىش قىلغاندا كالانپاي دەپ ياراتمىدى.

ئۇ بېقىۋالغان دادىسىنى سېغىنىشقا باشلىدى. ئۇ گەرچە نامرات بولسىمۇ لېكىن ئەزەلدىن شۈيشيەندىن بىزار بولۇپ باقمىغانىدى.

4

تولۇقسىز 3-يىللىققا چىققان بىر كۈنى شۈيشيەن تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشتى. مۇئەللىمى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئارىلىقتا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئالدىراپ-تېنەپ يېتىپ كەلدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ مېڭىسىگە ئۆسمە ئۆسۈپ قالغان بولۇپ، باش سۆڭىكىنى ئېچىش ئوپېراتسىيەسى قىلىش زۆرۈر ئىدى. بۇنى ئاڭلاپ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئاپىرىپ قويۇش نىيىتىگە كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتمىدى، پەقەت ئۈن-تىنسىز ھالدا ئۇنى كەنتكە ئاپىرىپ، بېقىۋالغان دادىسىغا تاپشۇردى. بېقىۋالغان دادىسى ھېچنېمە دېمەيلا ئۇنى ئۆيگە ئېلىپ كىردى ۋە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلۈپ كەتتى.

−قىزىم، ئەمدى ئۇلار سېنى كېرەك قىلمايدۇ، مەن سېنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي!

شۈيشيەننىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، كەنتكە قايتۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغان يۇرتداشلار ئۇنى يوقلاپ كېلىشتى. شۈيشيەن ئۆيگە مۆكۈۋېلىپ يىغلىدى. دېرىزىدىن ئىككى يىلدىن ئارتۇق «دادا-ئاپا» دەپ چاقىرغان ھېلىقى ئىككى ئادەمنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالغانلىقىغا قاراپ تۇردى. شۈيشيەن ئۇلارنىڭ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى.

شۈيشيەن ئۇنى قايتىدىن «دادا» دەپ چاقىرىشقا باشلىدى. دادىسى ئۇنى شەھەردىكى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ 30 مىڭ يۈەن كېتىدىكەن. 30 مىڭ يۈەن شۈيشيەننىڭ دادىسى ئۈچۈن ئاسترونومىيەلىك سانلاردىن پەرقلەنمەيتتى. ئۇ ئامالسىز ھالدا ھېلىقى ئەر-ئايالنى ئىزدەپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئەينى چاغدا ئۇلار ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن بەرمەكچى بولغاندا، ئۇ رەت قىلىۋەتكەنىدى.

−ئەگەر بىز پۇل چىقىرىشنى خالىساق، ئۇنى سىزگە قايتۇرۇپ بەرمەيتتۇق.

ئۇ ئەر-ئايالنىڭ بەرگەن جاۋابىغا رازى بولماي، كېچە-كۈندۈز ئۇلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆتكەن-كەچكەن ھەربىر كىشىگە شۈيشيەننىڭ تەقدىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بۇنداق قىلىشنىڭ بەزىدە پەسكەشلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، لېكىن قىزىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇ ھەممىنى قىلاتتى. بۇ ئەر-ئايال خېلى پۇلى بارلاردىن بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ ئاخىرى 20 مىڭ يۈەن بەردى. ئۇ يىغقان پۇلى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ياردىمىنى قوشۇپ، داۋالىنىش خىراجىتىنى ئارانلا تۆلىدى. ھېلىمۇ ياخشى ياخشى سۈپەتلىك ئۆسمە بولغاچقا، ئوپېراتسىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئۇ قىزىنى ئېلىپ قايتىدىغان چاغدا، كەنتتە پوجاڭزىلار ئېتىلدى. كۆپچىلىك بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى. پۈتۈن كەنتتە خۇشاللىق كۈلكىلىرى ياڭرىدى.

بۇ ئوڭۇشسىزلىقلاردىن كېيىن ئۇنىڭ بەدىنى تېخىمۇ مۈكچىيىپ، يەرگە ئېڭىشىپ قالدى، لېكىن شۈيشيەن ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قامەتلىك ئەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە باشقىلار بېرىپ باقمىغان نەرسىنى بەرگەنىدى، ئۇ دەل ئاشۇ ئىككى يوتقانغا ئوخشايتتى، كونا، ئەمما ئۇنىڭدىن بىر ئۆمۈر ئىللىقلىق كېلەتتى…


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

0

تېما

1

يازما

4

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
4
ۋاقتى: 2020-12-21 01:11:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىقراق بولسىچۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|Archiver|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|ئۇچقۇن مۇنبېرى

GMT+8, 2021-1-21 02:35 , Processed in 1.470704 second(s), 106 queries .

Powered by Uchkun X3.4(Qaksiz Izdax)

© 2020 Dilsiri

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش